قائىدە-يوسۇن
  • 19 يىلغا سوزۇلۇپ بىر تەرەپ قىلىنمىغان ئالدامچىلىق دېلوسى

    جىنگۇاڭ ئالدامچىلىق دېلوسى 19 يىلغا سوزۇلۇپ كەتتى--- 1996-يىلى 7-ئايدا، ئالدامچىلىق دېلوسىغا چېتىلىپ قالغان سودىگەر سودىگەر بىر يىل قاماپ قويۇلغاندىن كېيىن، خېيلوڭجياڭ ئۆلكىسى مۇلەن ناھىيەلىك ساقچى تەرەپ تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلغۇچە كېپىللىككە بېرىلگەن، شۇنىڭدىن كېيىن بۇ دېلو قانۇنىي تەرتىپ ئۈستىدە توختاپ قالغان، جىنگۇاڭمۇ بۇ ئىش تۈپەيلى كۆپ قېتىم يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگانلارنى ئىزدىگەن. 2015-يىلى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى، مۇلەن ناھىيەلىك سىياسىي قانۇن كومىت

  • قۇش چۇقىۋالغان مۇماي ئەرىز قىلىپ 140 مىڭ يۈەن تۆلەم ئالدى

    چۇڭچىڭ شەھىرى بانەن رايونى مەلۇم مەھەللە كومىتېتىدا يېقىندا خوجىلىق شىركىتى باققان بىر ئاققۇ سەيلىگە چىققان موماينى چوقۇۋالغان. شەھەرلىك 5- ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى خوجىلىق شىركىتىنى تاڭ مومايغا 140 مىڭ يۈەن تۆلەم بېرىشكە بۇيرۇغان. مەزكۇر مەھەللە كومىتىتىنىڭ خوجىلىق باشقۇرۇش شىركىتى 2008-يىلى ئىككى ئاققۇ سېتىۋېلىپ باققان. بۇلتۇر 17-مايدا 64 ياشلىق ياشلىق تاڭ موماي قىزى بىلەن مەھەللىدە سەيلە قىلىۋاتقاندا بىر ئاققۇ تۇيۇقسىز ئۇلارنى قوغلاپ كەتكەن،

  • قوشنىدارچىلىق ئەخلاقى

    خەلقىمىز ئەزەلدىن قوشنىدارچىلىق ئەخلاقىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىپ كەلگەن. شۇ سەۋەبلىك قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ناھايىتى مۇھىملىقى، ياخشى قوشنىلارنىڭ ھەتتا يىراقتىكى ئۇرۇق- تۇغقان، دوسىتلاردىن چارە تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ يىراقتىكى تۇغقاندىن، يېقىندىكى قوشنا ئەلا، ئۇياققا باق، بۇياققا باق، ئەتىگەن تۇرۇپ قوشناڭغا باق، يان قوشنا جان قوشنا، قوشناڭ تىنچ، كۆڭلۈڭ تىنچ . دېگەندەك ھېكىمەتلىك ئىبارىلەرنى بىزگە قىممەتلىك مىراس سۈپىتىدە قالدۇر

  • قىزلار مۇھەببەتلىشىۋاتقان مەزگىلدە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار

    1.ھەددىدىن زىيادە سەمىمىي بولۇپ كەتمەڭ. 2.كىشىنى بىزار قىلىدىغان گەپ -سۆزلەردىن يىراق تۇرۇڭ. 3.قارشى تەرەپنى قارىغولارچە تەنقىد قىلماڭ. 4.ئۇنىۋېرسال بىلملەردىن ئاز-تۇلا ساۋاتىڭىز بولسۇن. 5.ھەددىدىن كۆپ سۆزلەشتىن ئېھتىيات قىلىڭ.

  • تېلېفون بەرگەندىمۇ باشقىلارغا ياخشى تەسىر قالدۇرغىلى بولىدۇ

    چىرايىڭىز زىيادە ئەركىن بولۇپ كەتمىسۇن، گەرچە قارشى تەرەپ سىزنىڭ چىرايىڭىزنى كۆرەلمىسىمۇ ،ئەمما چىرايڭىزتەلەپپۇزىڭىزغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئېزىلەڭگۈلۈك قىلسىڭىز، قىلغان سۆزىڭىز كىشىگە لايغەزەللىك تۇيغۇسى بېرىدۇ. *مەدھىيە سۆزلىرىنى كۆپرەك قوللىنىڭ . شۇنداق قىلسىڭىز يېقىملىق كۆرىنىسىز.قارشى تەرەپ سىزنىڭ بۇ تېلېفوننى خۇشاللىق بىلەن ئالغانلىقىڭىزنى ھېس قىلىدۇ. *بەك تېز سۆزلىمەڭ، كىشىلەر گېپىڭىزنى ئېنىق ئاڭلىسۇن. *تەلەپپۇزىڭىز سىلىق بولسۇن، كىشى

  • سودىدىكى كۈتۈۋىلىش

    كۈتۈۋىلىش خىزمىتىمۇ ناھايىتى مۇھىم خىزمەت . سودىغا ئېرىشىش ۋە ھەمكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈشتە ، چوقۇم خېرىدارغا ھەقىقىي خۇشاللىق يەتكۈزەلەيدىغان بولۇش كېرەك . سودىدىكى كۈتۈۋىلىشنى بىر خىل مەبلەغ سېلىش دەپ قاراش ، مەقسەتنى ئېنىق بېكىتىش لازىم . ئېنىق مەقسەت دېمەك كونكىرىت ئېھتىياج دىمەكتۇر. سودىدىكى كۈتۈۋىلىشنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپى ، يۇقىرى دەرىجىلىك ئىستىمالنى قىلىشقا بولىدۇ . ئەمما ئىسراپ قىلىشقا بولمايدۇ . سودىدىكى كۈتۈۋىلىشتىكى مۇۋەپپىقىيەت ق

  • خىزمەتداشلار ئارىسىدىكى ئالاقە قائىدە – يوسۇنى

    خىزمەتداشلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت بىۋاستە سىزنىڭ خىزمىتىڭىزگە ، ئىشلىرىڭىزنىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ . ناۋادا خىزمەتداشلىرىڭىز بىلەن بولغان مۇناسىۋەت ياخشى بولسا ، ئۆزىڭىزنى خۇشالئازادە ھېس قىلىسىز . بۇ خىزمىتىڭىزنىڭ ئوڭۇشلۇق، كەسپ تەرەققىياتىڭىزنىڭ تىز بولۇشىغا پايدىلىق . ئەكسىچە بولغاندا ، خىزمەتداشلار ئارىسىدا بىر خىل جىددىي كەيپىيات شەكىللىنىپ ، دائىم ئۆزئارا سۈركىلىش كېلىپ چىقىپ ، نورمال خىزمەتكە تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماي، كەس

  • ئىمزالاش مۇراسىمىدىكى قائىدە – يوسۇن

    ئىمزالاش مۇراسىمى گەرچە ناھايىتى قىسقا بولسىمۇ ، ئەمما ئۇ كۈتىۋىلىش پائالىيىتىنىڭ نەتىجىسى ۋە ئەڭ يۇقىرى پەللىسى . چوقۇم ياخشى تەييارلىق قىلىپ ، ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىش زۆرۈر . ئىمزا قويۇش ماتىرىيالىنى تەييارلىغاندا تېزىس يېزىش ، سېلىشتۇرۇش ، بېسىپ چىقىرىش ، تۈپلەش ، تامغا ئورنى قاتارلىق ئىنچىكە ھالقىلارغا دىققەت قىلىش ، ئالدىنئالا ھۈججەت قىسقۇچ ، ئىمزا قويىدىغان قەلەم ، ئورۇن بەلگىلەش تاختىسى ، گۈل ، مىكروفۇن ، ئاپپارات ، تەبرىكلەش ھارىقى قاتار

  • يۈزتۇرانە ئىمتىھان ئاياغلاشقاندا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىش

    يۈزتۇرانە ئىمتىھان ئاياغلاشقان ۋاقىتتا ، مەيلى نەتىجىسى سىز كۈتكەن يەردىن چىققان ياكى چىقمىغان بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر سىز چوقۇم قائىدە يوسۇن بويىچە ئىش قىلىڭ . چۈنكى نۇرغۇن دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەر بىر قانچە قېتىملىق يۈزتۇرانە ئىمتىھان ئارقىلىق ئاندىن بىر قانچە نامزاتنى تاللاپ ، ئۇلارغا يەنە ئۇنۋىرسال باھالاش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق كىمنى قوبۇل قىلىشنى بەلگىلەيدۇ . رىقابەت ئىنتايىن كەسكىن بولىدۇ . ئەگەر سىز رەت قىلىنىشقا ئۇچرىغان بولسىڭىز ، سىز

  • ئىسىم - كارتۇچكىسىنى ئالماشتۇرۇش يوسۇنى

    ئىسىم كارتۇچكىسى سودا ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشىلەر ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم ئالاقە قورالى . ئىسىم كارتۇچكىسى خۇددى بىر ئادەمنىڭ ئاددىيلاشتۇرۇلغان تەرجىمىھالىغا ئوخشايدۇ . ئىسىم كارتۇچكىسىنى بەرگەندە ، قارشى تەرەپكە ئۆزىڭىزنىڭ ئىسمى ، كەسپى ، ئادرىسى ، ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى يەتكۈزگىلى بولىدۇ . بۇنىڭدىن بىلىۋىلىشقا بولىدۇكى ، ئىسىم كارتۇچكىسى ھەربىر ئادەمنىڭ ئىنتايىن زۆرۈر تونۇشتۇرۇش ماتىرىيالى . سودا ئالاقىلىرىدا ، مۇۋ

  • خانىم ، سىزگە يەنە بىر نەسىھەت

    نىكاھ تۇرمۇشىغا تېتىتقۇ سېلىپ تۇرۇش -- ئاياللارنىڭ نىكاھ تۇرمۇشىدا بەىتلىك بولۇشنىڭ ئاچقۇچى . ھالبۇكى ، قىزىقىش يېتىلدۈرۈپ ، ئۆزىنىڭ سېھرىي كۈچىنى ئاشۇرۇش يۇقۇرىقى تېتىتقۇ جۈملىسىدىندۇر . ئارتۇقچىلىقىڭىز بىلەن چاقناپ تۇرۇڭ ئاياللارمۇ ئەرلەرگە ئوخشاش قىزىقىش يېتىلدۈرۈشى ، ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك . مانا مۇشۇنداق تۇرمۇشلا ئېسىل تۇرمۇش ھېسابلىنىدۇ . خىزمەتتىكى ئاياللار بولسا ئۇلار ئۆزىنىڭ خىزمەتتىكى ئارتۇقچىلىقىنى نامايەن

  • ئىنسان بولسىڭىز بۇنداق قىلىقتىن نۇمۇس قىلىڭ..!!!

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار ياخشىمۇسىلەر؟، بۇ يەردە دىمەكچى بولغىنىم شۇكى تور -ئالاقىسنىڭ راۋاجلىنىشغا ئەگشىپ ئۇنىڭدىن پايدىلىندىغانلار خېلى كۆپەيدى،ئەمما بەزى بىر قېسىم كىشلەر ئۈزى دۈشمەنلىشىپ قالغان بولسۇن ياكى باشقا ئەھۋال بولسۇن ،شۇ كىشنىڭ نامىنى سۈيئىستىمال قىلىپ ئۇنىڭ ئوبرازىغا دەخلى تەرۇز قىلدىغان ئىشلارمۇ خېلى كۆپكەن،،!، 260160 تورىدا شاھزادە دەپ بىر تورداش بولدىغان ئۇنى نامىنى باشقىلار ئاشۇنداق ئىشلىتىپ لايىق تېپىش،يەنە بەزى بىر ن

  • ئۇيغۇرلاردا كېلىن چۈشەنچىسى

    ئائىلە جەمىئىيەتنىڭ ئەڭ كىچىك ھۈجەيرىسى.ئۇ بەلگىكىك دائىرىدىكى ئۇرۇقتۇغقانچىلىقتىن قۇرۇلغان ئىجتىمائىي تۇرمۇش بىرلىكى بولۇپ،بۇنداق ئۇرۇق تۇغقانچىلىق مۇ ناسىۋىتى نىكاھ بىلەن قانداشلىق مۇناسىۋىتىگە ئاساسەن پەيدا بولغان.بۇنىڭدىن كۆرۈشكە بولىدۇكى،نىكاھ ئائىلىنى بارلىققا كەلتۈرۈشنىڭ ئالدىنقى شەرتى.دېمەك،نىكاھ ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن ئورتاق گەۋدىدىن ئائىلە جەمەتى بارلىققا كېلىدۇ. كېلىن سۆزىمۇ مۇشۇ ئائىلە جەمەتى ئىچىدىكى بىر مۇھىم سۆز بولۇ

  • ئۇيغۇرلاردا كىيىنىش ئادەتلىرى

    بۇرۇن ئوغۇل بالىلار يىگىتلىك يېشىغا (16 ياشتىن ئاشقاندا ) يەتكەندە ، بېشىغا گۈللۈك چىمەن دوپپا كىيەتتى . ئۇچىسىغا ( يەڭ ، ياقا ، پەۋازلىرىغا ) گۈل ، چىلتەك - جىيەكلەر تۇتۇلغان قاپ شەكىللىك كۆڭلەك كىيەتتى . بىلىگە پوتا ياكى كەمەر باغلىمايتتى . ئىشتانباغنىڭ ئۇچىغا پۆپۈك قىلىپ ، ئۇنى قىزىل رەڭدە بوياپ ، ئىككى ئۇچىنى تىزىغىچە ساڭگىلىتىۋالاتتى . پۇتىغا قونجىنى قايرىماي يالاڭ ئۆتۈك كىيەتتى . ساقال - بۇرۇت قويمايتتى . يىگىتلەر توي قىلغاندىن كېيىن ، بېشىغا چى

  • قىزچاق تاماق ئىتىلەمسىز؟

    بىر نەۋرەسىڭلىم يېقىندا مۇنداق بىر ۋەقەنى سۆزلەپ بەردى ؛بىرئاينىڭ ئالدىدا ئۇنىڭ يېقىن بىر دوستىغائەلچى كەپتۇمىش.سىڭلىمنىڭ دوستى ئۇئەلچلەرگە؛مەن تاماق ئىتەلمەيمەن ،كىرمۇ يۇيالمايمەن ،يىگىت مىنىڭ بۇخىل ئالايدىلكىمگە ھۆرمەت قىلسا ،ئۇنىڭ تويقىلىش تەلپىنى ئاندىن ئويلىشىپ كۈرمەن دەپ جاۋاپ بىرىپتىمىش بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان يىگىت قاتتىق غەزەپلىنىپ ،شۇمۇ گەپ بولدىمۇ؟!ئۇنداق بولسا كۈتۈرسۇن قاسقىننى دەپ ئۇقىز بىلەن توي قىلىش پىلاندىن بىراقلا ۋاز كى

  • تۇرمۇشتىكى 8 ھەقىقەت

    1. دوستلار ئۆزلۈكسىز تۈردە كېلىپ -كېتىپ تۇرىدۇ. كۈرمىڭلىغان كىشىلەر سىز بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى ۋە ئۇچرىشىشنى كۈتۈپ تۇرىدۇ. دوستلۇرۇم ئاز دەپ ئاغرىنماڭ، ھىچ بولمىسا ھەرپلەرنى تىزىپ ئىسىم ياسىسىڭىزمۇ سىزنىڭ يەنە مىليارت دوست تۇتۇش مۈمكىنچىلىكىڭىز بار. ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مەنپەئەتىدە مەڭگۈلۈك دوست يوق مەڭگۈلۈك پايدا-زىيانلا بار دەيدىغان بىر ھىكمەتلىك سۆز بار، سۆز ھەركىتى ئارقىلىق سىزنى زىياندىن توسىدىغان دوستلارلا ھەقىقى دوست ھىساپلىنىدۇ. 2.

  • ھايات ھەققىدە 25 خىل تەكلىپ

    1) باشقىلارنىڭ ئۈمىدىنى يىنىكلىك بىلەن يوققا چىقارماڭ ، بەلكىم ئۇ قارشى تەرەپنىڭ بىردىن- بىر ئۈمىدى بۇلۇشى مۇمكىن. 2) ئاچچىقلانغاندا ھەرقانداق قارار چىقارماڭ. 3) ياللىغان ئىشچىللىرىڭىزغا ئىشنى تۈگەتمەي تۇرۇپ ھەرگىز ئىش ھەققى بەرمەڭ. 4) ھېشنىمىسى يوق كىشىلەردىن ئىھتىيات قىلىڭ. 5) ئەدەپلىك ۋە ئەپچىللىك بىلەن ياق دىيىشنى ئۈگۈنىۋېلىڭ. 6) تۇرمۇشنىڭ تامامەن ئادىل بۇلۇشىنى ئۈمىد قىلماڭ. 7) ئەگەر بىر قېتىملىك جەڭنىڭ مەغلۇبىيىتى پۈتكۈل ئۇرۇشنىڭ غەلبىسىنى ئې

  • ئەدەپ - قائىدىنىڭ ئاساسىي پرىنسىپلىرى

    ئەدەپ -قائىدە دېگىنىمىز - ئاممىۋى ئالاقە ۋە تۇرمۇشتىكى قائىدە -يوسۇنلاردىن ئىبارەت . ئۇ تۆۋەندىكى پرىنسىپلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ؛ باراۋەرلىك پىرنىسىپى . بۇ باشقىلارغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىش ، ھەممىگە ئوخشاش قاراش دېمەكتۇر . بۇ ، مۇناسۋەت ئورتنىش ۋە ياخشىلاشىنىڭ ئالىدىنقى ۋە زۆرۈر شەرتى . ھوقۇق . پۇل ، سالاھىيىتىگە قاراپ مۇئامىلە قىلىش ئەخلاق قارشىمىزغا ياتتۇر . ھۆرمەتلەش پىرنىسىپى . بۇ ھەرۋاقىت ۋە ھەرقانداق سورۇنىدا ئۆزىنىمۇ ، ئۆزگىنىمۇ ھۆرمەتلە

  • يامان بولىدۇ

    خەلىقىمىزنىڭ ھاياتىدا چوڭ_چوڭ گۇناھلارنىڭ ھەممسىىى گۇناھ، ھارام دەپ قارىلانسمۇ، يەنە ناھايتى كۆپ ئۇششاق گۇناھلىق ئىشلارنى يامان بولىدۇ. دېيىش ئارقىلىق كونترول قىلىنىدۇ. يامان بولىدۇ)نىڭ ئىچىكى مەنسىىىىنى چوڭقۇر چۈشەنمىسىىمۇ بۇنڭىغا كىچىك بالىلاردىن باشلاپ چوڭلارغىچە ھەممە ئادەم ئەمەل قىلىدۇ. سۇغا، كۆلگە كىچىك تەرەت قىلىسا يامان بولىدۇ، بوسۇغىدا ئولتۇرسا يامان بولىدۇ، ھەرقانداق ئىشىنى ئوڭدىن باشلىمىسا يامان بولىدۇ، ئاشلىقىنى خارلسا يامان

  • قۇربان ھېيت

    قۇربان ھېيت دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ خەلىقىئارالىق بايرىمى جۈملىدىن ئۇيغۇر خەلىقىنىڭ دىنىي ۋە مىللىي بايرىمى. قۇربان ھېيت ئەسىلىي ئىسلام دىنىنىڭ ئەنئەنىۋى بايراملىرىنىڭ بىرى. رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، ئىبىراھىم ئەلەيھسىالام چۈشىدە، ئىسمائىل ئەلەيھىسالامىنى ئاللا يولىدا قۇربانلىق قىلىش ھەققىدىكى بېشارەتنى كۆرۈپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىشىنى ئسىمائىل ئەلەيھسىالامغا ئيېتىقانىكەن، ئىسمائىل ئاللانىڭ يولىدا قۇربانلىق بولىدىغان ئىش بولسا، ھېلىغۇ ب

  • كىشىلىك مۇناسۋەتتىكى يەنە بىر قىسم پەزىلەت يوسۇنلىرى

    ھەربىر ئادەم جەمىئىيەتتە كىشىلەر بىلەن ھەر خىل مۇناسىۋەتلەر سەۋەبلىك مۇئامىلە قىلىپ تۇرىدۇ، بىزنىڭ ھەربىر ھەرىكىتىمىز باشىقىلارغا ئوخشاش بولىمىغان خاراكتېردە تەسىر قىلىسا، باشىقىلارنىڭ ياخشى_يامان ھەرىكەت پائاليەتلىرى ھەم بىزگە ئوخشىمىغان خاراكتېردە تەسىر قىلىپ تۇرىدۇ. مۇشۇنداق مۇناسۋەت تورى ئىچىدە ھەر خىل سورۇنلارغا نسبەتەن ئەمەل قىلىدىغان پەزىلەت يوسۇنلىرى بارلىققا كەلگەن بولۇپ، جەمىئىيەت ھەربىر كىشىنىڭ بۇ پەزىلەت يوسۇنلىرىغا ئاڭلىق

  • بىرىنىڭ ئۆيگە ئىجازەتسىز كىرىش مەنئى قىلىنىدۇ

    بىر ئۆيگە ھاجەت بىلەن كەلگەن ئادەم، ئالدى بىلەن ئىشىك چېكىدۇ ياكى بولمىسا يۆتىلىش)ئارقىلىق ئۆي ئىگىسىگە بىرەيلەننىڭ كەلگەنلىكىنى ئۇقتۇرىدۇ. ئۆي ئىچىدىن كىم)؟ دېگەندە مەن پوكۇنى بولىمەن )دەپ ئىسىمىنى مەلۇم قىلىىش تەلەپ قىلىنىدۇ. مەن دەپ قويۇشلا كۇپايە قىلىمايدۇ، ئۆي ئىگىسىى ئىجازەت بەرسە كىرىدۇ، ئەگەر ئۈچ قېتىم ئىشىك قاقىسمۇ ئۆيدىن ئىنىكاس چىقىمىسا قايتىپ كېتىش ياخشى. ئەر كىشى يوق مەلۇم ئۆيگە كەلگەن بولسا، ئىجازەت بەرسۇن، بەرمىسۇن، ئۆيدە ئەرك

  • ئەقدىگە باغلانغان يوسۇنلار

    ئەسلىدىن ئالغاندا، قائىدە_يوسۇننىڭ تۈپ يىلىتىزى ئېتىقادقا تاقىلىدۇ. ئەڭ دەسلەپكى قائىدە_يوسۇن قانداق ئەقىدە ئاساسىدا بارلىققا كېلىشىدىن قەتئىينەزەر مەلۇم ئېتىقادنى مەنبە قىلىغانلىقى ئېنىق. مەلۇم مەنىدىن ئېيتىقاندا، ئىنسانلاردىكى ئەقىدىنىڭ ئۇچقۇنلىرى ئىنسانلاردا ئويغانغان ئادىمىيىلىكىنىڭ ۋە ئۆزىنى ئىزدەش، ئۆزىنىڭ كېلىش مەنبەسىنى تېپىش تۇيغۇسى بىلەن مۇناسۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلىش مۇمىكىن. قائىدە_يوسۇنلار ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ بارلىق ت

  • ياخشلىق قىلىش، يامانلىق قىلماسلىق

    ئۇيغۇرلارنىڭ ئەقىدىسدە، ئۆز بولسۇن، يات بولسۇن، تونۇيدىغانلار بولسۇن، تونۇمايدىغانلار بولسۇن، باشىقىلار مۈشكۈل ئەھۋالدا قالغاندا ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىش ساۋابلىق ئىشىلار قاتارىدا سانلىدۇ. ياخشىلىق قىلىغان ئادەم ماختىلىدۇ، ئالىقىشىلىنىدۇ، يامانلىق قىلىغان ئادەم ئەيبىلىك ھېسابلىنىپ، كىشىلەرنىڭ نەپرىتىگە ئۇچرايدۇ. ئۆز بولسۇن، يات بولسۇن، تونۇيدىغانلار بولسۇن، تونۇمايدىغانلار بولسۇن، يامانلىق قىلىماسلىق قاتتىق تەكتىلىنىدۇ. باشىقىلارغا قە

  • ئەيىب سانلىدىغان ئىشلار

    ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ يوسۇنلىرىدا يەنە خېلى كۆپ ئەيىب ھېسابلىنىدىغان يوسۇنلىرى بولىدۇ. ئاممىۋى سورۇنلاردا، كەلسە_كەلمەس جايلارغا تۈكۈرۈش، مىشىقىرىش قاتارلىق قىلىقىلار ئەيىب ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئەدەپ_پەزىلەتكە يات بولۇپ، كىشىلەر ئەيىبىلەيدۇ. كىشىلەر ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا، مەقسەتسىز بولسمۇ يەرگە تۈكۈرۈش پەزىلەت يوسۇنىغا خىلاپ. چۈنكى ئۇ شۇ كىشىگە نسبەتەن ھۆرمەتسىزلىك ھېسابلىنىدۇ. مەنبە.قائىدە يوسۇنلىرىمىز

  • بالدۇر يېتىش

    كەچتە بالدۇرراق ئارام ئېلىش، كەچىتە سىرتلاردا يۈرمەسلىك تۇرمۇش يوسۇنلىرىنىڭ بىرى. يالغۇز ماڭغان كارۋاننىڭ، كېچىدە يالغۇز ماڭغان ئەرنىڭ جېنىغا ۋاي دېيلىدۇ. بالدۇر ياتقاندا سەھەر تۇرغىلى بولىدۇ. ئەسىلىي يارىتىلىمىش قانۇنيەتتىمۇ كېچسى ئارام ئېلىشىقا، كۈندۈزى ئىشلەشكە يارىتىلىغان. بۇ ئىككىسىىنى دۈم كۆمتۈرۈپ قويۇشقا بولمايدۇ. مەنبە.قائىدە يوسۇنلىرىمىز

  • سەھەر تۇرۇش

    ئۇيغۇرلارنىڭ ياشاش ئادىتىدە سەھەر قوپۇش تەكىتىلىنىدۇ. چۈنكى، سەھەردىكى ئۇيقۇ رىزىقىنى كېمەيتىدۇ، دەپ قارايدۇ. ھەتتا شۇنداق ئەقىدە ھەم باركى، سەھەردىكى مۇشىتىتىنىمۇ قايتىما دېيلىدۇ. ھەرقانداق ئىشىنىڭ بېشى سەھەردىن باشىلىنىدۇ، سەھەر قوپسا شۇ كۈننىڭ بەرىكىتى بولىدۇ، ئىشى روناق تاپىدۇ. تەن ساغلام بولىدۇ، كۆڭۈل يورۇق بولىدۇ، ئۆمۈر ئۇزۇن بولىدۇ. ئۇيقۇ يېرىم ئۆلۈم دېگەن گەپ بار. ئۇخلاش پەقەت مېڭىنى ئارام ئالدۇرۇش ئۈچۈن بولىدۇ، ھەرگىزمۇ ئۇخلىۋېلىش

  • چۈشكۈرۈش ۋە ئەسىنەش

    ئۇيغۇرلار بىر كىم چۈشكۈرۈپ. ئەلھەمدۇلىللا دېسە، باشىقىلار يەرھەمۇكۇللا دەپ جاۋاب بېرىدۇ. چۈشىگۈرگۈچىنى ئەيبىكە بۇيرۇمايدۇ، بىراق چۈشكۈرگۈچىدىن ئەلھەمدۇلىللا دېيشىى تەلەپ قىلىنىدۇ. ئەسىنەش يامان ئېلىنىدۇ، ئەسىنىگەندە شەيتان ھەمراھ بولىدۇ، ئەسنەك كەلگەندە ئىلاجى بار ئەسنەشىنى بېسىش كېرەك دەپ قارايدۇ. ئادەم ئەسىنەش ئۈچۈن ئېغىزىنى ئاچقاندا ئېغىز خۇددى بىر غارغا ئوخشاش ئېچلىپ كىشلەرنىڭ غەشىلىكىنى قوزغايدۇ. شۇڭا، ئاممىۋى سورۇنلاردا، باشىقىلار

  • تۇل خوتۇنلارغا غەمخورلۇق قىلىش

    خەلىقىمىزنىڭ ئادىتىدە تۇل خوتۇنلارنىڭ ھەققى قاتتىق تەكتىلىنىدۇ. ئۇلارغا غەمخورلۇق قىلىش، قىينىچىلىقىلىرىنى ھەل قىلىپ بېرىش، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش قىيىنىچىلىقى تۈپەيلىدىن يامان يولغا كىرىپ قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش تەشەببۇس قىلىنىدۇ. ئەگەر شۇ تۇل خوتۇن قىيىنىلىپ قالغانلىق سەۋەبلىك بۇزۇقچىلىق قىلىپ قالسا، بۇنىڭىدا ئەتراپىدىكى كىشىلەر ئەيبىلىك سانلىدۇ. مەنبە.قائىدە يوسۇنلىرىمىز

  • يېڭى مېھماننى كۈتۈۋېلىش

    قۇتلۇق ئانا توققۇز ئاي، توققۇز كۈن، توققۇز سائەت قورساق كۆتۈرۈپ، ۋاقتى-قەرەلى توشۇپ ئاچچىق تولغاق بىلەن بىر ھاياتلىقىنى_شەرەپلىك بىر ئادەمنى دۇنياغا كۆز ئاچقۇزدى. مانا مۇشۇنداق قىلىپ بۇ مۆجىزە بىلەن تولغان دۇنياغا بىر مېھمان قوشۇلدى. ھاياتلىق مۇقەددەس، ھاياتلىق ئۇلۇغ. ھايات گۈزەل، ھايات قىممەتلىك. بوۋاقنىڭ تۇغۇلۇشى قۇتلۇق ئىش. ئۇ بۇ دۇنياغا بىر ئۈلۈش ئەقىل ئېلىپ كەلدى. ئۇ بۇ ھايات كارۋىنىدا ئاخىرقى مەنزىلىگە بارغىچە بېشىدىن نى_نى ئىسىق_سوغۇقلا

  • قوشىنىدارچىلىق يوسۇنلىرى

    ئۇيغۇر خەلقى قوشىنىدارچلىق ھەققىنى ئۇلۇغ بىلىدۇ، شۇڭىمۇ خەلق ئارىسدا. يەر ئالماقچى بولساڭ سۈينى ئارا، ئۆي ئالماقچى بولساڭ قوشىنىغا قارا، يىراقتىكى تۇغقاندىن ياندىكى قوشنا ئەۋزەل، بۆرە قوشىنىسىىىنى يېمەس، بار تاۋىقىم، يان تاۋىقىم، بولمسا ئوتتۇرىدا سۇن تاۋىقىم دېگەن ماقال_تەمسىلىلەر بارلىققا كەلگەن. بۇ، قوشىندارچلىقىنىڭ خەلىقىنىڭ تۇرمۇشىدا قانچىلىك مۇھىم ئورنىدا تۇرىدىغانلىقىنى كۆرىستىدۇ. مانا شۇنداق ئەسىرلەردىن بېرى قوشىندارچىلىق مۇناسى

  • سوۋغا سالام قىلىش

    خەلىقىمىزدە قەدىمىدىن بېرى ئۆزئارا سوۋغا_سالام قىلىش ئەنئەنسى ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلگەن. مەرىكىلەردە سوۋغا_سالام قىلىشىدۇ، سەپەرگە چىققاندا سوۋغا_سالام قىلىشىدۇ، سەپەردىن قايتىپ كەلگەندە سوۋغاتلىق ئېلىپ كېلىدۇ. شۇنداق قىلىپ كىشلەر بىر_بىرىگە بولغان كۆڭلىنى، دوستلۇقىنى، قېرىنىداشلىقىنى ئىپادىلەيدۇ، سوۋغىنىڭ ئاز بولۇشى، كۆپ بولۇشى ئېتىبارغا ئېلىنىمايدۇ. ھەر ئادەم قۇربىتىنىڭ يېتىشىچە سوۋغا_سالام تەييارلايدۇ، سەپەرگە چىققان ئادەمگە سوۋغا بې

  • سۇ ئىچىش يوسۇنى

    قەدىمىدىن تارتىپ مەدەنىي مىللەتلەردە، ئۆزلىرىگە ھەرقاچان ئادىميىلىك ئۆلچەم بويىچە تەرتىپ، قائىدە بېكتىپ كېلىشىكەن. ئۆزلىرىنى ھايۋانلاردىن روشەن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن ھەر ئىشىنى قىلىغاندا ھايۋانلارچە قىلىدىغان ئىشلارغا خاتىمە بېرىپ، ناھايتى ياخشى ئادىمىيىلىك ئۆلچەم_قائىدىلەرنى بارلىققا كەلتۈرگەن. قەدىمكى ئۇيغۇرلاردا سۆڭەكنى ئېغىزدا بىۋاستە غاجىلاشىنى ھايۋان سۈپەت، دەپ يامان ئالغان. چۈنكى، ھايۋان ئېغىزى بىلەن بىۋاستە غىزا يەيدۇ ۋە سۆڭەك غاج

  • جەمئى 1 بەت / 33 پارچە مەزمۇن بار