ئۇيغۇر تىبابىتى
  • كالا سۈتى ئىسسىقمۇ-سوغۇق؟

    كۆپىنچە تېبابەت ئەھلىلىرى تۆگە سۈتى ۋە قوي سۈتىنى ئىسسىق ياكى ھۆل ئىسسىق دەيدۇ، كالا سۈتىنى بولسا سوغۇق دەپ بىلىدۇ. بەزىلىرى بولۇپمۇ خەنزۇ تېبابىتى بىلىملىرىدىن ئاز-تۇلا خەۋەردار كىشىلەر كالا سۈتىنىمۇ ئىسسىق دەپمۇ قارايدۇ. كالا سۈتىگە قارىتا يۇقارقىدەك ئىككى خىل قاراش بولۇشىنىڭ سەۋەبى بار، ئەلۋەتتە. بەزى ئادەملەر بىر مۇددەت كالا سۈتى ئىكەندە، ئېغىزلىرىغا پات-پات چاقا-جاراھەت چىقىدۇ، تەرەت قېتىۋالىدۇ. بەزى ئادەملەردە باشقىچە ئالامەتلەر كۆرۈل

  • ئەتتىگىنى ئېغىزى سېسىق پۇراشنىڭ سەۋەبى ۋە ئۇنىڭ چارىسى

    ئېغىز بوشلۇقى تازلىقىنى ياخشى قىلىپ تۇرۇپمۇ ئېغىز پۇراش، بولۇپمۇ ئەتتىگىنى سېسىق پۇراش ئاشقازان, ئۈچەي خىزمىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ ئاشقازان ئاجىزلاپ ھەزىم خىزمىتى توسالغۇغا ئۇچىراش سەۋەبىدىن ئاشقازاندىكى بۇزۇلغان خىلىت-گازلارنىڭ يۇقۇرىغا ئۆرلىشىدىن، ياكى قەۋزىيەت سەۋەبىدىن ئەتتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندا ئېغىز سېسىق پۇراش ئەھۋالى كىلىپ چىققان بولىشى مومكىن. بۇنىڭغا قارىتا : ئەرقى پۇدىنە ( يالپۇزنى قاينىتىپ پارلاندۇرۇپ چىقىرىلغان سۈيى)

  • چاچنىڭ مايلىشىپ چۈشىشىنىڭ داۋاسى

    ئۇيغۇر تىبابىتىمىزدە چاچنىڭ مايلىشىپ چۈشۈشىگە بېرىلىدىغان دورىلاردىن ئىترىفىل سەغىر ياكى ئىترىفىل كەبىر بېرىلىدۇ. تۈك ( چاچ) تۈشۈكلىرىنى ئىتىپ، چاچنى چىڭىتىش ئۈچۈن جويۇز، قىزىل قارىغاي يوپۇرمىقى ۋە غورىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ قاينىتىلغان سۈيى بىلەن باش يۇيۇلىدۇ ياكى كاۋاۋىچىن، ئامىلە ۋە جويۇزنىڭ قاينىتىلغان سۈيى، لوبىيا (پۇرچاق) ئۇنى، قوغۇن ئۇرۇقى، ئىسبىفۇل ۋە ئاق لەيلى ئۇرۇقىنىڭ شىرىسى ياكى بولمىسا بورەق بىلەن كۆپۈكى دەريا قاينىتىلغان

  • بېدىنىڭ شىپالىق رولى

    ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىدە يېڭى بېدە ھۆل ئىسسىق دەپ قارىلىدۇ. بېدە كۆكى تەركىبىدە كالتىسىي، فوسفور قاتارلىق مېنىرال ماددىلار ۋە ھەرخىل ۋىتامىنلار خېلى مول بولۇپ، ساقلىقىنى ساقلاش جەھەتتە مۇھىم رول ئوينايدۇ. بېدە كۆكىنى ئېزىپ، سۇس ئوتتا قورۇپ، قايماق بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، كۈندى مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىپ بەرسە، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇپ، پەي تارتىش ۋە دەم سىقىلىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ. بېدە كۆكىنى ئېزىپ پىشۇرۇپ، شېكەر بىلەن قوشۇپ بىر مەزگىل ئىستېمال قىلىپ ب

  • ئاددىي رېتسېپلار

    1. تىلقانات (狼把早) تىن 35 گىرامنى قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئۆپكە سىلىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. 2. تىلقاناتنىڭ ئۇرۇقىنى قۇرۇپ ھەم سوقۇپ، ئازراق قارا شېكەر قوشۇپ، كۈندە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 12 گىرامدىن رەيھان شەربىتى بىلەن ئىچىپ بەرسە، بەدەن زەئىپلىك ھەيز توختاپ قېلىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ. 3. قۇرۇق تىلقانات يۇپۇرمىقىنى سوقۇپ، ئاچچىقسۇ بىلەن مەلھەم تەييارلاپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، بەدەندىكى تەمرەتكىگە مەنپەئەت قىلىدۇ. 4. بېھىنىڭ سۈيىنى كۈندە ئۈچ قېتىم،

  • يەلتاشما كېسەللىكىنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبلىرى ۋە داۋالاش ئۇسۇلى

    يەلتاشما كېسەللىكىنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبلىرى ۋە داۋالاش ئۇسۇلى يەلتاشما 1. تۇنۇش ھەسساسىيەت تۈپەيلىدىن تىرە شىللىق پەردىلەردىكى قان-تۇمۇرلاردا رىئاكىسيە يۈز بىرىپ، قان تۇمۇرلار ئۆتكۈزۈشچانلىقىنىڭ ئېشىپ كىتىشىدىن كىلىپ چىققان ۋاقتىلىق ، قزىل رەڭلىك مۇدۇر ياكى سۇلۇق ئشىشىق پولتايسىمى يەلتاشما دەپ ئاتىلىدۇ. 2. كىسەللىك سەۋەپلىرى. 1) خىلىتلارنىڭ غەيرى تەبىئىي ئۆزگىرىشى- يەنى غەيرى تەبىئىي بەلغەم ، قان سەپرا ۋە سەۋدا ۋە ئۇلاردىن ھاسىل بولغان يەللەر

  • چوڭ بوغۇملار ئاغرىقى ( موفاسىل ) كېسەللىكى

    چوڭ بوغۇملار ئاغرىقى ( موفاسىل ) كېسەللىكى مۇفاسىل 1. تونۇش : مۇفاسىل كىسەللىكى ھەر خىل سەۋەبلەردىن چوڭ بۇغۇملارنى ئوراپ تۇرغۇچى پەي تارىمۇشلار ۋە بىرىكتۈرگۈچى توقۇلمىلار ياللۇغلىنىپ كىلنىكىدا چوڭ بۇغۇملار ئاغرىش، ئىشىش، قىززىش، ھەركىتى قىيىنلىشىش ، قىتىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان شەكىل بۇزلۇش خاراكتىرلىك كېسەللىكتىن ئىبارەت. كىسەللىك سەۋەبىگە قارتا ئۇيغۇر تىبابىتى خىلىتىلارنىڭ غەيرى تەبىي ئوزگىرىشى بولوپمۇ غەيرى تەبىي ب

  • تېرىگە ئېلىپ داۋالاش

    ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىدە تېرىگە ئېلىپ داۋالاش ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، تېخنىكا تەلەپ قىلمايدۇ. كۆرگەن، ئاڭلىغان ئۇسۇل بويىچە كېسەلنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ ئائىلىلەردە قوللىنىشقا بولىدۇ. تېرىگە ئېلىپ داۋالاش ئۇسۇلىنىڭ قاچانلاردىن باشلانغانلىقى ھەققىدە يازما ماتېرىياللار كۆپ ئەمەس. بىراق ئۇنىڭ خەلق ئارىسىدا كەڭ تارقالغانلىقىغا قاراپ، ئىپتىدائىي ئوۋچىلىق دەۋرىدىلا بارلىققا كەلگەنلىكىنى جەزىملەشتۈرۈشكە بولىدۇ. ئىنسانلار ئوۋچى

  • دوختۇر ئەمەس دوختۇرلۇق قىلىۋاتقانلار

    جەمىيىتىمىزدە بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ پۇل تېپىش غەرىزىدە راسىت-يالغاننى ئارىلاشتۇرۇپ، كۆپتۈرۈپ ئېلان-داۋراڭ تارقىتىپ خىلمۇ-خىل ۋاستىلەرنى قوللىنىپ، ساغلاملىقتا كۆرۈلگەن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلالماي يۈرگەن بىر قىسىم ساددا كىشىلەرنى ئالداپ يۈرىۋاتقانلىقىنى ئويلىساق، مۇشۇنداق مەسىلىلەرنىڭ كىلىپ چىقىشىغا نۇرغۇن تەرەپلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى، ئاشۇ تەرەپلەرنىڭ كەسپى مەسئۇلىيىتىگە ئەستايىدىل بولمايۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالماي تۇرالمايمىز. ب

  • ئۆزىڭىزنىڭ قايسى مىزاجغا تەۋە ئىكەنلىكىڭىزنى بىلەمسىز؟

    ئىنسانلارنىڭ تەبىئىي مىزاجى 4خىل بولىدۇ. خاراكتېرى جەھەتتە ئىسسىق ۋە سوغاق دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلىنىدۇ، ئەمما 4چوڭ ماددىنىڭ بىر- بىرىگە ئارلىشىشىدىن پەيدا بولغان مايىللىق كەيپىياتىدىن ئېيتقاندا ئىنسانلارنىڭ مىزاجى قۇرۇق ئىسسىق، ھۆل ئىسسىق، ھۆل سوغاق ۋە قۇرۇق سوغاق دەپ 4خىلغا بۆلىنىدۇ. قۇرۇق ئىسسىق مىزاج كىشىلەرنىڭ ئالامەتلىرى تەبىئىي جۇغراپىيلىك مۇھىتنىڭ كىشىلەر رەڭگى- روھىغا بولغان تەسىرىنى ھېسابقا ئالماي بەلكى بەدەندىكى تەبىئىي سۈپەتلىك

  • يۆتەل ئۈچۈن شىپالىق رېتسىپلار

    يۆتەل ئۈچۈن شىپالىق رېتسىپلار 1. 10 گرام زېغىرنى سارغايتىپ ئېزىپ، ئۇنى 24 گرام ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلسا، سوزۇلما يۆتەلنى پەسەيتىدۇ. 2. ئىككى گرام پىندۇق مېغىزىنى ئىزىپ، ھەسەل سۈيى بىلەن بىرگە ئېستېمال قىلسا يۈتەلگە شىپا بولىدۇ. 3. 18 دانە ئەينۇلانى قايناق سۇدا دەملەپ ئىچسە، باشقا كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن پەيدا بولغان يۆتەل شىپا بولىدۇ. 4. 16 گرام ئاق لەيلى ئۇرۇقىنى قايناق سۇغا چىلاپ لوئابىنى ئېلىپ، ئۇنىڭغا قارا شېكەر قوشۇپ ئىستېمال قىلسا،

  • ياشانغانلارنىڭ چېنىقىشىدىكى بەش خاتا قاراش

    ياشانغانلارنىڭ چېنىقىشىدىكى بەش خاتا قاراش بىرىنچى خاتا قاراش: ئارقىچىلاپ مېڭىپ چېنىقىش پايدىلىق. ياشانغانلار مەيدان ياكى كوچىلاردا ئۈچ تۆتتىن بولۇپ ئارقىچىلاپ مېڭىپ بەدەن چېنىقتۇرىدۇ. بۇ ئارقىلىق پۇتنىڭ كۈچىنى ئاشۇرۇپ، بەل ئاغرىقىنى داۋالاپ، سۆڭەك شالاڭلىشىشنى يېنىكلەتكىلى بولسىمۇ، لېكىن ياشانغانلارنىڭ بۇنداق چېنىقىش ئۇسۇلىنى تاللىشى مۇۋاپىق ئەمەس. سەۋەبى ياشانغانلارنىڭ مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىنىڭ ھەر قايسى ئەزالارنىڭ ھەرىكىتىنى تەڭشە

  • بويۇن ئۇمۇرتقا ئارلىق تەخسىسى پۇلتىيىپ چىقىش

    بويۇن ئۇمۇرتقا ئارلىق تەخسىسى پۇلتىيىپ چىقىش 1. تونۇش : بويۇن ئۇمۇرتقىسى بويۇن ئۇمۇرتقا ئارلىق تەخسىسى ،بوغۇم ئۆسۈكچىسى ئارلىق ئالدى ئارقا تىك تارامۇش،سېرىق تارامۇش ،بىس ئۈستى ئارلىق تارامۇش قاتارلىقلاردىن تۈزۈلگەن بولۇپ بويۇن ئۇمۇرتقىسى ئاناتومىيەلىك ۋە فىزولوگىيەلىك ئىقتىدار جەھەتتىن كۆكرەك بەل ئۇمۇرتقىسىغا قارىغاندا ھەركەت دائىرسى ھەركەت مىقدارى جەھەتتىن بىرقەدەر كۆپ بولغان ئورۇن لىكىن بويۇن ئۇمۇرتقىسى تۈزۈلۈش جەھەتتىن بەل كۆكرەك ئۇمۇ

  • چارپاقا

    بۇ پاقا ئائىلىسىدىكى ھايۋانات چار پاقىنىڭ قۇرۇتۇلغان پۈتۈن تېنىدىن ئىبارەت بولۇپ، چارپاقا نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. تەبىئىتى: ھۆل ئىسسىق. شىپالىق رولى: زەھەر قايتۇرۇش، قان توختىتىش، ئاغرىق پەسەيتىش، ئىششىق قايتۇرۇش، جاراھەت پۈتتۈرۈش، توسالغۇلارنى ئېچىش، سەيدۈك ھەيدەش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئىشلىتىلىدىغان كېسەللىكلەر: ھەرخىل قاناش، سۇلۇق ئىششىق ۋە ھەرخىل جاراھەتلەر، سۈيدۈك تۇتۇلۇش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدۇ. ئىشلىتىش ئۇسۇلى: زەھەر قاي

AD
260*220px