يېمەك-ئىچمەك
  • شاكىلاتنى ئاستا چاينىغاندا ئاندىن روھلاندۇرۇش ئۈنۈمى بولىدۇ

    كەيپىياتىڭىز ياخشى بولمىغاندا شاكىلات يېسىڭىز كەيپىياتىڭىز ياخشى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن، لېكىن شۇنىڭغا دىققەت قىلىشىڭىز كېرەككى شاكىلاتنى تېز يېگەنگە قارىغاندا ئاستىراق يېسىڭىز ئاندىن كەيپىياتىڭىزنى كۆتۈرۈش مەقسىتىڭىزگە يېتەلەيسىز. بۇ ئامېرىكاگېتتىسبورگ ئىنستىتۇتىنىڭ بىر تەتقىقات تۈرىنىڭ نەتىجىسى. تەتقىقاتچىلار 258 نەپەر پىدائىيلارنى ئىككى گۈرۈپپىغا بۆلۈپ بىر گۇرۇپپىنىڭ ئەزالىرىغائىسسىقلىق مىقدارى 75 كالورىيەبولغان شاكىلاتنى يېگۈزگەن. يەن

  • ئاچ قورساققا تاتلىق يېمەكلىكلەرنى يېيىش سالامەتلىككە زىيانلىق

    ھازىرقى زامان مېدىتسىناسىدا مۇنداق دەپ قارىلىدۇ. ئادەم بەدىنىدىكى بىر نەچچە خىل ئاقسىل ئۇزۇن ئۆمۈرلۈك ئاقسىل غا تەۋە بولۇپ، بۇ خىل ئاقسىلنىڭ خۇسۇسىيىتى تۇراقلىق بولىدۇ. قاندىكى قەنت بىلەن ئاقسىلنىڭ بىرلىشىشى ئۆمۈرلۈك ئاقسىل نىڭ پارچىلىنىشىنى تېزلىتىۋېتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن كۈندىلىك تۇرمۇشتا تاتلىق يېمەكلىكلەرنى ئاچ قورساق يەيدىغانلار بۇ ئادىتىنى ئۆزگەرتىشى، ئەڭ ياخشىسى، ئەتىگەنلىك ۋە كەچلىك تاماقتىن بىر ، ئىككى سائەت ئىلگىرى تاتلىق يېمەكلىكلە

  • ناشتىغا نەشپۈت يېسە ، قەۋزىيەتكە پايدىلىق

    نەشپۈتنىڭ ئۈچەينىڭ ھەرىكىتىنى جانلاندۇرۇپ ، چوڭ تەرەتنى ھەيدەش رولى بولغاچقا ، نەشپۈت يەپ بەرسە ، قەۋزىيەتكە پايدىلىق بولىدۇ . ئەگەر ئەتىگەندە ناشتا قىلىشتىن بۇرۇن بىر ، ئىككى تال نەشپۈت يەۋالسا نەشپۈتنىڭ قەۋزىيەتنى داۋالاش ئۈنۈمى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ . چۈنكى كەچلىك ئۇيقۇدىن كېيىن يېمەكلىكلەر ئاساسەن ھەزىم قىلىنىپ ، ئوزۇقلۇق تەركىبلەر بەدەنگە سۈمۈرۈلۈپ بولغانلىقتىن ، ئاشقازان ، ئۈچەيلەر نىسبەتەن قۇرۇق ھالەتتە بولىدۇ . ئەگەر بۇ ۋاقىتتا نەشپۈ

  • ئۈزۈم چارچاشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ

    ئۈزۈمنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى... ئۈزۈم تەركىبىدە يەنە تۈرلۈك ۋىتامىنلار ۋە ئادەم بەدىنى ئېھتىياجلىق بولغان ئامىنو كىسلاتا بولۇپ، جىگەرنى قوغداش ئۈنۈمى ناھايىتى كۆرۈنەرلىك. ئۇنىڭدىن باشقا ئۈزۈم تەركىبىدە ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرىدىغان تەركىبلەر قېرىشنى كېچىكتۈرىدۇ. شۇڭا ئۈزۈم كېچىدە تۈنەيدىغان كىشلەرنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا ماس كېلىدۇ. نېرۋىسى ئاجىزلاپ كەتكەن، ھەددىدىن زىيادە چارچاپ كەتلەنلەر ئۈزۈمنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىشى كېرەك.

  • قوناقنى كۆپ يېسە ئۈچەيگە پايدىلىق

    قوناقنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولۇپ، كۆپ ئىستېمال قىلسا سالامەتلىككە پايدىلىق. گېرمانىيە تەتقىقاتچىلىرى بۇغداي بىلەن قوناقنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتىنى تەكشۈرۈپ، قوناق تەركىبىدە ئوزۇقلۇق قىممىتى ۋە ۋىتامىننىڭ بۇغداينىڭكىدىن 510 ھەسسە يۇقىرىلىقىنى ئېنىقلىغان. قوناقنىڭ تەركىبىدە يەنە قېرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان كالتسىي، ۋىتامىن A، ماگنىي، كىرىمنىي، ۋىتامىن E ۋە ياغ كىسلاتاسى قاتارلىقلار بولۇپ، ۋىتامىن E قېرىشنىڭ ۋە مېڭە ئىقتىدارى چېكىنىشنىڭ ئالد

  • كۈندە ئۈچ پىيالە چاي ئىچسە، راكنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ

    ھەر كۈنى ئەتىگەن، چۈش ۋە كەچتە بىر پىيالىدىن چاي ئىچكەندە يەنى چاينى دەملەپ بەش مىنۇتتىن كېيىن ئىچكەندە، راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. قىزىل چايدا ئامىنو كىسلاتاسى بار بولۇپ، ئەقلىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرىدۇ، كۆپ ئىچىپ بەرسە، سەكتە ۋە يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. يېشىل چايدا ئوكسىدلىغۇچى رېئاكتىپلار مول بولۇپ، راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ كۆپىيىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا، يېشىل چاي ئۈچەينىڭ ھەرىكىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپلا قالماي،

  • سىز قان تولۇقلايدۇ دەپ ئويلىغان قارا شېكەردە بەلكىم راك كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى ماددا بولۇشى مۇمكىن

    تەتقىقاتلارغا قارىغاندا، ئۇزاق ۋاقىت قاينىتىپ پىشۇرغان، قورۇلغان يېمەكلىكلەردە بىر خىل راك پەيدا قىلغۇچى ماددا: ئاكرىلامىد پەيدا بولۇپ قالىدىكەن. قارا شېكەرمۇ ئۇزۇن مۇددەت قاينىتىش ئارقىلىقشەكىللىنىدىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ ئەھۋالدىن مۇستەسنا بولمايدىكەن. نۆۋەتتە، ئاكرىلامىدنىڭ زىيانلىق تەركىبى يەنىلا تەتقىقات باسقۇچىدا بولۇپ، ئېنىق ئەسكەرتمە بولمىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇنداق ئۇزاق مۇددەت قاينىتىلغان شېكەرنى يەنىلا ئازراق ئىستېمال قىلغان ياخشى

  • ساغلاملىق بىلىملىرى قىزارغان شوخلىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولىدۇ

    شوخلا كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان كۆكتاتلارنىڭ بىرى بولۇپ، نۇرغۇن كىشى شوخلا تەركىبىدە ۋىتامىننىڭ مول ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، بىراق شوخلىنىڭ ساغلاملىققا نىسبەتەن قانداق پايدىسى بار؟ قانداق ھالەتتىكى شوخلىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولىدۇ؟ دېگەندەك ئۇقۇم بەلكىم ئانچە ئېنىق بولماسلىقى مۇمكىن. شوخلا تەركىبىدە لىكوپېننىڭ مىقدارى ئەڭ كۆپ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئالىملار لىكوپېننىڭ ساغلاملىققا بولغان تەسىرى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ

  • يېشىل كۆكتاتلار چاچنى قارايتىدۇ

    چاچ ئېھتىياجلىق بولغان ماي، ئاقسىل، ۋىتامىن A ، ۋىتامىن B6 ۋە يود قاتارلىق ماددىلار ئاساسلىقى يېشىل كۆكتات، بەرەڭگە، پۇرچاق ھەم دېڭىز يۇسۇنى تۈرىدىكىلەردە مول بولىدۇ. يېشىل كۆكتاتلار قارا ماددىلارنىڭ پەيدا بولۇشىغا ياردەم بېرىدۇ. پۇرچاق چاچنىڭ ئىلاستىكىلىقىنى ۋە پارقىراقلىقىنى ئاشۇرۇپ، چاچ ئۇچى يېرىلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. قىزىل دېڭىز يۇسۇنى، لامنارىيە(خەيدەي)قاتارلىق دېڭىز يۇسۇنى تۈرىدىكىلەر تەركىبىدە كالتسىي، كالىي، يود مول بولۇپ، چاچقا ئاق

  • تاتلىقياڭيۇ يېگەندە مېۋە-چىۋە بىلەن بىللە يەڭ

    تاتلىقياڭيۇ ـ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى تاللاپ چىققان 10 ئەڭ ياخشى كۆكتات نىڭ چېمپىيونى بولدى. تاتلىقياڭيۇدا ئاقسىل ۋە لىپوزما كەمچىل، شۇڭلاشقا مېۋە، كۆكتاتلار بىلەن بىللە يېيىش لازىم. تاتلىقياڭيۇنى ئەڭ ياخشىسى چۈشتە يېگەن ياخشى. بۇنىڭ تەركىبىدىكى كالتسىي ئادەم بەدىنىدە تۆت، بەش سائەت سۈمۈرۈلىدۇ. چۈشتىن كېيىن، كۈن نۇرى چۈشكەندە ئاقسىلنىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئەمما تاتلىقياڭيۇ ئارقىلىق كۈتۈنۈش ھەممە ئادەمگە ماس كېلىۋەرمەيدۇ، ئەگەر ئىچى

  • تۆمۈر تولۇقلاشتىكى تەبىئىي يېمەكلىك ــــ قارا قېرىنقۇلاق

    تۆمۈر تولۇقلاش تىلغا ئېلىنسا، كىشىلەر كۆپىنچە پالەك ياكى ھايۋانات جىگىرىنى تىلغا ئېلىشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە، يېمەكلىكلەر ئىچىدە قارا قېرىنقۇلاقنىڭ تەركىبىدىكى تۆمۈرنىڭ مىقدارى ئەڭ كۆپ بولۇپ، تۆمۈر تولۇقلاشتىكى ئەڭ ياخشى تەبىئىي يېمەكلىك ھېسابلىنىدۇ. ئوزۇقلۇقشۇناسلارنىڭ تەتقىقاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ھەر 100 گىرام قارا قېرىنقۇلاقتىكى تۆمۈرنىڭ مىقدارى 98 مىللىگىرامغا يېتىدىغان بولۇپ، ھايۋانات جىگىرىدىكى تۆمۈر مىقدارىغا قارىغاندا بەش ھەسسە، پ

  • جىگەر يېگەندە...

    مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېيىشتى: ھازىر كۆرۈلۈۋاتقان قان ئازلىق كېسىلىنىڭ كۆپىنچىسىگە تۆمۈر ماددىسى كەملىك سەۋەب بولىۋاتىدۇ، ھايۋان جىگىرى تۆمۈر ماددىسى كەم مەنبەلىك قان ئازلىققا پايدا قىلىدىغان ئېسىل يېمەكلىك، لېكىن ھايۋانات جىگىرى يېگەندە ئازراق ۋىتامىن C يەۋەتسە، ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. مۇتەخەسسىسلەر يەنە مۇنداق دېيىشتى: جىگەر يېگەندە بىر تالدىن ئۈچ تالغىچە ۋىتامىن C تابلېتى يەپ بەرسە، بولمىسا 150گىرام پالەك ياكى 150 گىرامدىن مايلىق يېسىسى

  • كۆممىقوناق كۆرۈش قۇۋىتىنىمۇ ياخشىلايدۇ

    مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېيىشتى: كۆممىقوناق يۇقىرى قان بېسىم، قاندا ياغ كۆپىيىش ۋە يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، راك كېسىلىمۇ كۆممىقوناقنى كۆپ يەيدىغانلاردىن قورقىدۇ، چۈنكى كۆممىقوناقتا راكقا قارىشى تۇرالايدىغان سېلېن، ماگنىې ۋە كاروتېن مول، يەنە يېمەكلىك تالاسىمۇ ئاز ئەمەس، بۇ خىل يېمەكلىك تالاسى ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى كۈچەيتىپ، قەۋزىيەت بولۇپ قىلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. كۆممىقوناقتىكى كىسانتوفىل بىلەن كۆممىقوناق سېرىقى ئا

  • سامساقنى ئېزىپ يېسە ياخشى

    سامساق تەركىبىدىكى ئاللىئىن بىلەن ئاللىئىنزادىن ئىبارەت ئىككى ماددا ئارقىلىق بەدەن ساغلاملىقىنى ئاسرىغىلى بولىدۇ. شۇڭا سامساقنى ئەڭ ياخشىسى توغرىماستىن ئېزىپ ئىشلەتكەندە، بۇ ئىككى ماددا ئۆز ئارا ئۇچرىشىپ، سامساقنىڭ ساغلاملىقنى ئاسراش ئۈنۈمىنى ياخشى جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ. ئامال بولسا يەنە سامساقنى ئېزىپ 1015 مىنۇت قويۇپ، ئاللىئىن بىلەن ئاللىئىنزادىن ھاۋادا تولۇق بىرىككەندىن كېيىن يېسە ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

AD
260*220px